مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللىغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى
مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەنسۇبى بولۇش ۋە قوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان كۆپ ساندا شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى.
![مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللىغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7b1b/7891/8b0e/5c665cb573d7a.jpg?time=1718757568)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ئەلئېھرام› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي قاھىرە بىرىنچى سوت مەھكىمىسى 2018 – يىلى 3 – دېكابىر كۈنى 614 كىشى، 268 شىركەت، 30 دوختۇرخانا ۋە دورا شىركىتىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر شەخسلەر ۋە ئورۇنلار 2013 – يلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مەنسۇبى بولۇش ۋە قوللاش جىنايىتى سادىر قىلغان ئىكەن. خەۋەردە، مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىسمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇسادىرە قىلىنغان مال – مۈلۈكلەر دۆلەت خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. بۇ قارار نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئوچۇق ئىكەن.
مىسىردا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2018 – يىلى سېنتەبىردە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1589 كىشى، 1133 جەمئىيەت، 118 شىركەت، دوختۇرخانا ۋە خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغانىدى.