ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يەمەنگە دائىر قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندىكى ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.

1144933
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يەمەنگە دائىر قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىنى توختىتىشنى مەزمۇن مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى، ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى.

دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشقا پائالىيىتىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 177 ئاۋازغا قارشى 248 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېيىنكى باسقۇچتا ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئالىي پالاتادىمۇ ماقۇللىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان خەۋەرلەر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنىدى، بىراق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يەمەنگە دائىر مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى ئىكەن.  

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ترامپ ھۆكۈمىتى ناۋادا ئەل قائىدىگە قارشى كۈچلۈك زەربە بەرمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللاش خىزمىتىنى 30 كۈن ئىچىدە توختىتىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپى ئالىي پالاتادىمۇ ماقۇللانغان تەقدىردە، بۇ قانۇننىڭ ترامپنىڭ يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سىياسىتىگە قارشى ئېلىنغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان بىر قېتىممۇ ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ باقمىغان دونالد ترامپنىڭ تۇنجى قېتىم يەمەنگە دائىر بۇ قانۇن تەكلىپى ئۈچۈن ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەن ئۇرۇشىدىكى رولىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان مەزكۇر قارار لايىھەسى، ئامېرىكالىق ئالىي پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس، مايك لې ۋە كرىس مۇرپىي تەرىپىدىن ئالىي پالاتاغا، رو قاننا، مارك پوكان ۋە پرامىلا جاياپال قاتارلىق شەخسلەر تەرىپىدىنمۇ ئاۋام پالاتاسىغا ئەۋەتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر