ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ئىككى ئورگىنىغا ۋە بۇ ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار 10 كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1145510
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مال – مۈلۈكلەرنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسى، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق «قۇددۇس قىسىملىرى» غا ياردەم پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىغا قارىتا تور ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىككى ئورگان ۋە بۇ ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار 10 كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مال – مۈلۈكلەرنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېھراننى مەركەز قىلىدىغان «يېڭى ئۇپۇقلار» دەپمۇ بىلىنىدىغان «مۇستەقىل مۇتەپەككۇرلار ۋە سەنئەتچىلەر ئىنىستىتۇتى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە بۇ تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بار 4 كىشىنىڭ، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە ئىقتىسادىي ۋە ئاخبارات توپلاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەقسىتىدە خەلقئارالىق كونفېرانسلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىراننى مەركەز قىلىدىغان «نەت پەيگارد ساماۋات» شىركىتى ۋە بۇ شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار 6 كىشىنىڭ، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى ۋە ئارمىيەسىنىڭ  سابىق ۋە ھازىرقى خادىملىرىغا قارىتا تور ئارقىلىق ھۇجۇم ققلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبلىك «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمىز، يامان نىيەتلىك ئىرانلىق تور ھۇجۇمچىلىرى پائالىيەتچىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى نىشان قىلىدىغان مەخپىي ھۇجۇملىرىغا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر