ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستاننى قارا پۇل يۇيۇشقا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1144503
ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستاننى قارا پۇل يۇيۇش ۋە تېررورچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، قارا پۇل يۇيۇش ۋە تېررورچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچ چىقارمىغان 23 دۆلەتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

تىزىملىككە ئافغانىستان، بوتسۋانا، شىمالىي كورېيە، گانا، ئىران، ئىراق، لىۋىيە، نىگېرىيە، پاكىستان، پاناما، پورتو رىكو، سەئۇدى ئەرەبىستان، سىرىلانكا، سۈرىيە، ترىنىداد ۋە تاباگو، تۇنىس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراشلىق ۋىرجىنىيە ئاراللىرى بىلەن يەمەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار كىرگۈزۈلدى.

بۇ تىزىملىككە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى قائىدىلىرى بويىچە ئش بېجىرىدىغان بانكىلار ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى گۇمانلىق پۇل ئوبوروتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەردىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە خېرىدارلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىپ نازارەت قىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر