ئىران ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى دائىرىسىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1144446
ئىران ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسپى دائىرىسىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرانانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پايتەخت تېھراندا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلغان ھەسەن رۇھانىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى دائىرىسىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇھانى: بىز دىيالوگقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەگەر بىرسى مەلۇم بىر مەسىلىدە بىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىسا ۋە خەلقىمىز بىلەن قانۇنلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلسا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز، دېدى.

ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق ئىران دۆلىتىنىڭ ئامېرىكاغا قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىران خەلقى دۈشمەنگە قەتئىي تەسلىم بولمايدۇ، تەسلىم بولۇشنىڭ ئايىغى تۈگىمەيدۇ، ئەگەر ئامېرىكاغا باشتىلا تەسلىم بولساق ئاخىرغىچە بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمىز.»

ئىران ئىنقىلابىنىڭ 40-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى بولغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىران خەلقىنىڭ ئامېرىكاغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بۇ يىل 6-يانۋاردا ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن  كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئىراننىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، بىز بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن  كېيىن ئىراننى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە قىستىغانلىقىنى، بىراق ئىراننىڭ بۇنىڭغا يېقىن كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر