ئابدۇلمەھدى: تەۋەلىكىمىزدە چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى، ئىراق تەۋەلىكىدە چەتنىڭ ھەربىي بازىسى بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1144594
ئابدۇلمەھدى: تەۋەلىكىمىزدە چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئادىل ئابدۇلمەھدى، دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھان بىلەن پايتەخت باغدادتا كۆرۈشكەن.

ئابدۇلمەھدى، ئىراق – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارغا دۆلىتىدە ھېچبىر چەت دۆلەت ھەربىي بازىسىنىڭ بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

«ئىراقنىڭ قارارى مۇستەقىلدۇر ۋە ھېچبىر تەرەپنىڭ نوپۇزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن ئابدۇلمەھدى، ئەرەب ۋە رايون دۆلەتلىرىگە قارىتا ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھان بولسا، ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەبىئىتى ۋە كېلەچىكىگە دائىر ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن باغدادقا بارغانلىقىنى ئېيتتى.

شاناھان، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئىراق كۈچلىرىنى تەربىيەلەش ئېھتىياجىنى قامداش ۋەزىپىسى بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر