تېرېسا مېي: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1144108
تېرېسا مېي: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش ئۈچۈن، پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋاقىت تەلەپ قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە بىريۇسسېل، دۇبلىن ۋە بېلفاتىس قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى توغرۇلۇق پارلامېنتقا مەلۇمات بەرگەن مېيى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمدىكى «تەدبىر ماددىسى»غا دائىر مۇزاكىرىلەرنىڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مېي مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتۇق، بىزنىڭ ئازراق ۋاقىتقا ئېھتىياجىمىز بار. مۇزاكىرىلەر ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بىز پارلامېنت تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان كېلىشىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ۋە ئۇ ۋاقىتقىچە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالمىساق بولمايدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ 26- فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان تېرېسا مېي، بۇ ۋاقىتقىچە پارلامېنتقا يەنە مەلۇمات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېرېسا مېي 26- فېۋرالغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجابىي قەدەم تاشلىمىغان ئەھۋالدا، 27- فېۋرالدا پارلامېنتقا كېلىشىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسىنىڭ تۈزىتىلىشى ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسى تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە تاشلىنىدىغان كېيىنكى قەدەملەرنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ۋەزىر تېرېسا مېينى «ۋاقىت بىلەن ئوينىشىش»بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جېرېمىي كوربويىن، ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتقا يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆكتىچى رەھبەر جېرېمىي كوربويىن، تېرېسا مېينىڭ غەرىزىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىپ چىقىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، كېلىشىمىنى پارلامېنتقا مەجبۇرىي تېڭىپ ماقۇللىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش ۋەزىر تېرېسا مېي، پارلامېنت تەرىپىدىن بۇ يىل 15-يانۋاردا رەت قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش كېلىشىمىنى قايتىدىن تۈزىتىش ئۈچۈن، ئۆتكەن ھەپتە بىريۇسسېلدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ ئەنگلىيەنىڭ مۇزاكىرە ھەيئىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا.

ئەنگلىيە كېلىشىم بويىچە مۇشۇ يىل 29-مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر