موسادنىڭ سابىق باشلىقى پاردونىڭ مەخپىي سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئاشكارىلاندى

2014-يىلى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى موسادنىڭ باشلىقى پاردونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى يوشۇرۇن زىيارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1144352
موسادنىڭ سابىق باشلىقى پاردونىڭ مەخپىي سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى موسادنىڭ سابىق باشلىقى تامىر پاردونىڭ 2014-يىلى يوشۇرۇن ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «قانال 13»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ غەربلىك بىر دىپلوماتنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، 2011-يىلدىن 2016-يىلغىچە موسادنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پاردونىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادنى 2014-يىلى مەخپىي زىيارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ زىيارەتنىڭ ئىران بىلەن چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن باشلىغان يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىنلا 2014-يىلنىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى، ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ساھىبخانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭمۇ 2014-يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى باشلىقى بولغان شاھزادە بېندېر بىن سۇلتان ۋە ئىسىم شەرىپى ئاشكارىلانمىغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى سابىق موساد باشلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبستاننى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشى توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەر ھەققىدە ھازىرغىچە رەسمىي بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر