ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدو ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدو ھەققىدە بىر قىسىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردىن سەۋەبسىز پۇل ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۇپ تەكشۈرۈش باشلاندى.

1143722
ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدو ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۆپىنچە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان گۇايدونىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئورگانلاردىن ھېچ قانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن پۇل ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارسى باشلىقى ئېلۋىس ئاموروسو پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا خۇسۇسىي ياكى دۆلەتلىك باشقا ھەر قانداق بىر ئورگاندىن ۋەزىپە ئۈچۈن پۇل ئېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گۇايدونىڭ مال مۈلكىنى بىلدۈرگەن دوكلاتىدىمۇ بەزى يالغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. 

گۇايدونىڭ جىنايىتى ئىسپاتلانغان تەقدىردە جەرىمانە ياكى دۆلەت خىزمىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش جازاسى ئېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى ۋە ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىمۇ ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۇايدونى جازالاش دېلوسى ئېچىلىشىمۇ مۇمكىن.

ۋېنېزۇئېلادا كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى دۆلەتلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى گۇايدو ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى يىغىلىشىدا، ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئېلان قىلۋالغان ۋە ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بېرازلىيە، چىلى، پولشا، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا، گۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا قاراپ قەدەم تاشلىماقچى بولغان ئىدى. 

تۈركىيە مېكىسىكا، رۇسىيە، ئىران، كۇبا، خىتاي، ۋە بولېۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مادورۇمۇ بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان دېپلوماتىك ۋە سىياسي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغا ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونلاد ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر يوللاشنىمۇ تاللاشلاردىن بىرسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر