ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتماقتا

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس ئافرىقا دۆلەتلىرى زور قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.

1142387
ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە مۇساپىرلار ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغانلار» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «32-قېتىملىق ئافرىقا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى» دا سۆز قىلدى.

ئۇ مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى تاقىۋالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتلەردە زور قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقى ئىشىكىنى مىليونلارچە كىشىگە ئوچۇق تۇتتى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ھەممە يەردە بۇ ئۆرنەككە ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ب د ت ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا ئۈچ مۇھىم مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئىزچىل تەرەققىيات ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 2020-يىلدىن باشلاپ «ئۇرۇش توختىتىش» كۈنتەرتىپىنىڭ بارغانسېرى كەڭ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر