گىرېتسىيە ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىنى ماقۇللىدى

گىرېتسىيە پارلامېنتى ئىسىم مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدىن كېيىن قوشنىسى ماكېدونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىغا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1141754
گىرېتسىيە ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 300 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدىغان پارلامېنتتا 294 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئاۋازغا قويۇشتا، كېلىشىم لايىھەسى 140 قا قارشى 153 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىيرىزا پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىرت يەنە، پوتامى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قوللاپ ئاۋاز بەرگەن كېلىشىم لايىھەسىنى، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇنقى شېرىكى مۇستەقىل گىرېتسىيەلىكلەر پارتىيەسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا، كېلىشىم لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تەھدىت ۋە بېسىملارغا قارىماي، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، كېلىشىم لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى رەھبىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىس، كۆپ ساندىكى گىرېتسىيە خەلقىنىڭ كېلىشىم لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە بۇ كېلىشىم لايىھەسىنى «مىللىي مەغلۇبىيەت» دەپ ئاتىدى.

بالقان رايونىغا جايلاشقان ئىككى قوشنا دۆلەت بولغان گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا، ماكېدونىيە سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان 1991 – يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسىم مەسىلىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 17 – ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان «پرېسپا كېلىشىمى» ئارقىلىق ھەل قىلىنغانىدى.

ماكېدونىيەنىڭ ئىسمىنىڭ «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» غا ئۆزگەرتىلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم توغرۇلۇق ئالدى بىلەن ماكېدونىيەدە، ئارقىدىن گىرېتسىيەدە كېرەكلىك قانۇنىي باسقۇچلارنىڭ تاماملىنىشى بىلەن تەڭ تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر