ئىران ترامپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «دىكتاتورلار، قاسساپلار ۋە ئاشقۇنلار»نى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

1139866
ئىران ترامپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پالاتادىكى ئىرانغا قارشى قىلغان سۆزلىرىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، «دونالد ترامپ بىزنى ئەيىبلەۋاتقان مىنۇتلاردا، يەھۇدىي پۇقرالىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىرانلىقلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە قارىماي، 40 يىللىق ئىلگىرىلەشنى تەبرىكلىمەكتە. (ئىران) دۈشمەنلىكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونىمىزغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن دىكتاتورلارنى، قاسساپلارنى ۋە ئاشقۇنلارنى قوللىشىغا سەۋەب بولدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «ئىتتىپاقنىڭ ئەھۋالى» نۇتقىدا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىنى ئاقلاپ، «تېھراننىڭ ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە يەھۇدىيلارغا تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرى» نى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر