شىۋېتسىيە پادىشاھىنىڭ تاجى بىر ئەخلاتخانىدىن تېپىلدى

شىۋېتسىيەدە ئالتە ئاي ئىلگىرى مۇرىيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتكەن پادىشاھلىق تاجى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرى پايتەخت ستوكھولمدە بىر ئەخلاتخانىدىن تېپىلدى.

1140060
شىۋېتسىيە پادىشاھىنىڭ تاجى بىر ئەخلاتخانىدىن تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم ساقچى ئىدارىسى يوقۇلۇپ كەتكەن تاجنىڭ شەھەرنىڭ چەت ياقا مەھەللىرىدىن بىرسىدىكى ئەخلەتخانىدىن تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىراق زىبۇ زىنەت بويۇملىرىنىڭ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى، ساختا ياكى ئەمەسلىكى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ستوكھولم تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئوغرىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن دەرھال 22 ياشلىق گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە ۋە باشقا ئوغرىلارنىمۇ ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ستوكھولمدىن 20 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سىترانجېس چوڭ چىركاۋىغا تەۋە مۇزىيدىكى تاج ۋە قىممەتلىك ئەشيالار ئاۋغۇست ئېيىدا ئوغرىلىنىپ كەتكەن ئىدى. 

تەخمىنەن 6 يېرىم مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى بويۇملارنىڭ 17ئەسىردە ئۆتكەن شىۋېتسىيەنىڭ 4پادىشاھى ۋە ئايالى مەلىكە كىرىستىناغا ئائىت ئىكەنلىكى مەلۇم.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر