سۈرىيەدە ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ مەخپىي ئۇرۇشىمۇ؟

سۈرىيەدە رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى مەلۇم قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

1135986
سۈرىيەدە ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ مەخپىي ئۇرۇشىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە مەلۇم مەزگىللەردىن بېرى رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا مەخپىي سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ماددىي مەنپەئەتلەر تۈپەيلى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كېلىشەلمەسلىكلەر پات پات ئېغىر توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئەسەد قىسىملىرىغا قاراشلىق رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى «قاپلان كۈچلىرى 5 - ئەترىتى» بىلەن بەششار ئەسەدنىڭ ئىنىسى ماھىر ئەسەدنىڭ قوماندانلىقى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى «4فىرقە ئەترىتى» ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. تۈنۈگۈن (29-يانۋار) پۈتۈن كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار ھاما ئەتراپىدىكى رۇسىيەگە تەۋە ئىككى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان راسىف يېزىسىدا يۈز بەردى.

«4فىرقە ئەترىتى» تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا راسىف يېزىسىنى «قاپلان كۈچلىرى» دىن تارتىۋالدى.

يەرلىك مەنبەلەر توقۇنۇشلارنىڭ رەملەر، كابىر فىدا ۋە ھامانىڭ غەربىي تەرىپىدىكى كىرىم يېزىسىغا قەدەر كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار ئالدىنقى ھەپتە بويىچە ھاما ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى شاھتا، بىرېدىچ، ھايدارەييە ۋە ئىنناب يېزىلىرىدا داۋاملاشقان ئىدى.

توقۇنۇشلاردا ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندىمۇ 79 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى گۇرۇپپا ئالدىنقى ھەپتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق توقۇنۇشنى توختىتالماي، دەل ئەكسىچە تېخىمۇ شىددەتلىك ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

سۈرىيەدە مەلۇم مەزگىللەردىن بېرى رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا مەخپىي سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، «رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئۇرۇشنىڭ ئەكىس ئېتىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئىشلىتىلىشى» دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرىشى، رۇسىيە بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئەمەلگە ئاشماقتا. رۇسىيەنىڭ رازىلىقى ۋە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى سايىسىدا، ئىسرائىلىيە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھىزبۇللاھ كۈچلىرىنى كۆپ قىينالمايلا پات - پات ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر