ئەنگلىيە مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق رەھبىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي ھانت، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق پىرېزىدېنتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1132918
ئەنگلىيە مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق رەھبىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي ھانت، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق پىرېزىدېنتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: ئەنگلىيە خۇەن گۇايدونىڭ ۋېنېزۇئېلانى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، دېدى.

جېرېمىي ھانت ۋاشىنگىتون زىيارىتىدە ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھانت مۇنداق دېدى: «نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق رەھبىرى  ئەمەس.»

بۇلتۇر ماي ئېيىدا ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ھىيلە-مىكىر ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشالمىغانلىقىنى ۋە بېلەت ساناش خىزمەتلىرىنىڭ قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىنىستىر ھانت: مادۇرو ھاكىمىيىتى ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ئېغىر زىيانلارنى سالدى، نوپۇسنىڭ %10ى ئېغىر قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى يۇرتنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئەنگلىيە خۇەن گۇايدونىڭ ۋېنېزۇئېلانى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، جۇەن گۇايدونىڭ رەسمىي پىرېزىدېنتى بولۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا، كانادا، بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز، دېدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانت، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھانتنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  خىزمەتلەر توغرۇلۇق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسقا مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانت، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى، مايك پېنس ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى گۇايدونى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ئىككەيلەن ۋېنېزۇئېلادا قانۇنلۇق ۋە دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىردەك تەكىتلەشتى.»

كۆرۈشۈشتە سۈرىيە ۋە يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بولتون مۇنداق دېدى: «بىز غەيرى رەسمىي مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مەركەزلىشىشىمىز كېرەك، بۇ كىرىملەرنى  بىزگە نىسبەتەن ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى  بولغان گۇايدو رەھبەرلىگىدىكى رەسمىي ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم، بىز ھازىر ياۋروپادىكى مەنسەبداشلىرىمىز بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ رەسمىي ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر