خىتاي ھۆكۈمىتى ئىۋانكا ترامپنىڭ بەش ماركىسىنى ۋاقىتلىق تەستىقلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا مۇزاكىرەلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپنىڭ بەش سودا ماركىسىنى ۋاقىتلىق تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1130762
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىۋانكا ترامپنىڭ بەش ماركىسىنى ۋاقىتلىق تەستىقلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن سودا مۇزاكىرەلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپقا تەۋە بەش سودا ماركىسىنى ۋاقىتلىق تەستىقلىدى.

خىتاي ماركا تەستىقلاش ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يانۋار ئېيىدا ئىۋانكا ترامپقا تەۋە بالىلارنى ئاسىراش مەركىزى، قۇياش كۆزەينىكى ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاستىچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش سودا ماركىنى ئىشلىتىشنى ۋاقىتلىق تەستىقلىغان. 2016- ۋە 2017-يىللىرى ئىلتىماس قىلىنغان مەزكۇر ماركىلارنىڭ ۋاقىتلىق تەستىقلىنىشى، 90 كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرزلىرى بولمىغان تەقدىردە تەستىقلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالغا كېلىدىكەن.

مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت ئۈچۈن يۇرتداش ھەق-ھوقۇقى ۋەكىلى جوردان لىبوۋىتز، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2018-يىلى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئەۋجىگە چىققان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئۇرۇش توختىتىش» نى ئېلان قىلىپ، مۇزاكىرەلەرنى باشلىغان ۋاقىتتا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سودا تەستىقلىرىغا ئېرىشىش پەيدا قىلغان ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئىۋانكا ترامپنىڭ ئاقسارايدا ئىشلەپ تۇرۇپ، خىتايدا بۇنچىلىك كۆپ سودا ماركا رۇخسىتىنى ئېلىشى، دېمىسىمۇ مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال. بۇ سودا ماركىلىرىنىڭ بىرىنىڭ، دادىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى قويۇلغان ۋەخپە ئۈچۈن ئېلىنغان ئىئانە توپلاش رۇخسىتى بولۇشى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆزى كېڭەش ھەيئىتى ئەزاسى بولغان ۋەخپىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى بىر قاتار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن نىيۇ يورك باش تەپتىشى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى، كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ» دېدى.

ھازىر ئىۋانكا ترامپنىڭ خىتايدا تەستىقلانغان 36 ماركىسى، 20 ماركىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسلىرى بار.

پىرېزىدېنت ترامپ ماركا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا بىۋاستە ياكى ئاكتىپ ئورۇندا بولمىسىمۇ، ئەمما سېتىشتا قولغا كەلگەن كىرىمدىن پىرىم ئېلىشى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر