گوللاندىيەدە بىر جامىنىڭ ئالدىدا ئىسلامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ ئۇترېچت شەھىرىدە ئىسلامغا ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى پېگىدا ھەرىكىتى، ماراكەشلىكلەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان بىر جامىنىڭ ئالدىدا ئىسلامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1127467
گوللاندىيەدە بىر جامىنىڭ ئالدىدا ئىسلامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزلىرىنى «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار» دەپ ئاتىۋالغان پېگىدا ھەرىكىتىنىڭ نامايىشىدا ئىسلامغا قارشى فىلىم كۆرسىتىلدى ۋە ئىسلامغا ھاقارەت خاراكتېرلىك سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

نامايىشتا جامىنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭرى مەيدانغا ئېگىز توسالغۇلارنى قۇرۇپ، ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىنغاندىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ساندا ساقچىلارنىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

جامەنىڭ كىرىش ئىغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىن، پېگىدا ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن توساقنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى رايون خەلقى ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قىسقا ۋاقىتلىق سۈركىلىش يۈز بەردى.

سۈركۈلۈشلەر جەريانىدا ساقچىلار 2 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

ئەبى بەكىر ئەسسىدىق جامىسى فوندى جەمئىيىتى باياناتچىسى جەمال ھۇرى پېگىدانىڭ قىلغان نامايىشى ۋە باياناتلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەمال ھۇرى: «نامايىش ئۈچۈن تاللىغان ئورنى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرىلىك بولغان بولسىمۇ، بىز جامەنىڭ باشقۇرغۇچى ھەيئىتى ۋە جامائىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ كۈشكۈرتىش ئويۇنلىرىغا كەلمەسلىك، ئۇلارغا قەتئىي پىسەنت قىلماسلىق قارارى ئالدۇق. بۇ ئۇلارغا قايتۇرغان ئەڭ ياخشى جاۋابىمىزدۇر. چۈنكى بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق بولغۇسى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر