ئايدىندا كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى

تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدە كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

1125814
ئايدىندا كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدىن 5 مىل يىراقلىقتا  كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 46 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان، 4 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ جەسىتىنى تاپقان، ئاندىن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرنى قۇشئاداسى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر