ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تالىبان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران پارلامېنتىنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى باشلىقى ھەشمەتۇللاھ فەلاھەتپىشە، ئىراننىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تالىبان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1125447
ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تالىبان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن فەلاھەتپىشە، «ئىران ئافغانىستاندىكى تالىبانغا ئائىت ناچار خاتىرىلەرنى بىلىدۇ. دائېشنىڭ ئافغانىستاندىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارشى تالىبان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىرانلىق ئىشچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىلنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېشنىڭ ئافغانىستاندا تەشكىلاتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فەلاھەتپىشە، ئىراننىڭ دائېشنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۆتمۈشتە ئىراننىڭ تالىبان بىلەن ئېغىر سۈركىلىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئۆزىنىڭ دائېش مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ تالىبان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى ئىرانلىق سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر