چىپراس:«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللاش لازىم»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىىپاقى ئەزالىقىنى قوللاش لازىملىقىنى دېدى.

1123615
چىپراس:«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللاش لازىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىىپاقى ئەزالىقىنى قوللاش لازىملىقىنى بىلدۈردى.  

باش مىنىستىر چىپراس ئافېنادا زىيارەتتە بولىۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللاش لازىملىقىنى ئېيتتى.

چىپراس مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسا بۇنىڭ ھەم تۈركىيە خەلقىگە ھەمدە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسى بولىدۇ.»

باش مىنىستىر مېركېل بىلەن تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىبرىس مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان باش مىنىستىر چىپراس، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلمۇ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

مېركېل بۇ كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەلىك ھالدا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كېلىپ چىققان قانۇنىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش ئۇرۇش بولمىغان دۆلەتلەردىن ياۋروپا كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر