ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

ئىران ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1122239
ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ئىككى ئىران پۇقراسىغا ياۋروپا زېمىنلىرىدا سۇيىقەست پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەپ ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننى ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ئىككى ئىران پۇقراسى توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى ئەيىبلىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە 2 ئىران پۇقراسىغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى خىزمەتلەردە سەممىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى»ئىلگىرى سۈرگەن قاسىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقنىڭ مۇجاھىتلىرى ۋە ئەل ئەھۋازىيە قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا، قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  

ئىراننىڭ تېررورىزمغا قارشى خىزمەتلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قاسىمى: ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئىرانغا رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدۇ، دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىران ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە 2 ئىران پۇقراسىنىڭ ياۋروپا زېمىنلىرىدا سۇيىقەست پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشنى قارار قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئېمبارگو تىزىملىگىدىكى 15 شەخس ۋە ئىراندىكى 21 ئورۇننىڭ 6 ئايغىچە ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر