ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈمىكىنىڭ سالاھىيەت تەرتىپىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلماستىنلا «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈمىكىنىڭ دىپلوماتىك سالاھىيىتىنى چۈشۈرگەنلىكى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى.

1122017
ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈمىكىنىڭ سالاھىيەت تەرتىپىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى ماجا كوجائىيانكىك بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «دىپلوماتىك مۇھىملىق دەرىجىسى تىزىملىكىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئىجرا قىلىنىش شەكلىدە يېقىندا بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلىمىز. قارارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈمىكىگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى توغرىسىدا ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشلىرىمىز داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغانDeutshce Welle  مېدىيا ئورگىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋاقىپلاندۇرماستىنلا تۆۋەنلىتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، قاراردىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈمىكىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەزا دۆلەت كاتېگورىيەسىدىن خەلقئارالىق ئورگان سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر