ھىندىستاندا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى

ھىندىستان مىقياسىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئومۈميۈزلۈك ئىش تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1122304
ھىندىستاندا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا مىليونلارچە ئىشچى – خىزمەتچى تۈنۈگۈن ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى؛ ھىندىستان ئۇيۇشما قۇرۇلتىيى باش كاتىپى ئامارجېئېت كائۇر، 200 مىليون ئەتراپىدا ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

كائۇر، دۆلەت مىقياسىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئومۈميۈزلۈك ئىش تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مال باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيۇشمىلار، تۆۋەن مائاش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىش تاشلاش تۈپەيلى كۈندىلىك تۇرمۇش دەخلىگە ئۇچرىدى، مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتتى.

بۇ جەرياندا غەربىي بېنگال ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كالكوتتادا ساقچىلارنىڭ تاش ئاتقان نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر