ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ ئىران ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ سۈرىيەدە خالىغىنىنى قىلالايدىغانلىقى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1119299
ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ ئىران ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹ Yedioth Ahronoth › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، «ئىران سۈرىيەدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن» تەرىقىسدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى دۆلەت  بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە زىت بولۇپ، بۇ ترامپنىڭ ساھەدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ترامپنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان دەلىل – ئىسپاتلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالدى، دېمەك، ترامپ ئىراننىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ دائىرىسىنى چۈشەنمەيدىكەن. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھېچبولمىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئەمەس، دەرۋەقە، ترامپنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ پىلانىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئىراننىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارشى كۈچلۈك قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى دائىرىسىدە ئالدىنقى كۈنى ئىران  مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ئىرانغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «ئىران سۈرىيەدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر