ئامېرىكا موسكۋادا نازارەتكە ئېلىنغان پۇقراسىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ پىنسىيەگە چىققان بىر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى مۇسكۋادا «جاسۇسلۇق قىلدى» دېگەن گۇمان بىلەن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

1118345
ئامېرىكا موسكۋادا نازارەتكە ئېلىنغان پۇقراسىنى تەلەپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو رۇسيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا نازارەتكە ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقراسى پاۋۇل ۋېلاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە رۇسىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

رۇسىيە فېدېراتىسيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى «FSB» مۇسكوۋادا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ 28دېكابىردا نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بېرازىلىيە پىرېزىدېنتى جائىر بولسونارونىڭ قەسەم ئىچىش مۇراسىمىدا، مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، مۇسكۋادا «ئامېرىكىغا جاسۇسلۇق قىلدى» دېگەن گۇمان بىلەن نازارەتكە ئېلىنغان پىنسىيەگە چىققان دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، پاۋۇل ۋېلان ھەققىدە ئېچىلغان جاسۇلۇق دېلوسىدا، ئۇنىڭ 10 ياكى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر