بۇركىنا فاسودا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1118518
بۇركىنا فاسودا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كىملىكى نامەلۇم بىر توپ قوراللىقلار بارسالوگخو شەھىرىگە قاراشلىق يىرگوئۇ يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەھەللە سېكرىتارى قاتارلىق 6 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئارقىدىن يىرگوئۇ ئاھالىسى ھۇجۇمچىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى فۇلانى قەبىلىسىنىڭ 7 ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەن.

رايون ۋالىيسى نادىي سومې دىياللو، رايونغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈردى ۋە يېزا ئاھالىسىنى تىنچلىنىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بوكلې دۇ مۇخۇن رايونىغا قاراشلىق سوئۇرو ۋىلايىتىدىكى توئېنىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 10 نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكىرى پىستىرمىغا چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇ ۋەقەدىن كېيىن دۆلەتنىڭ 13 رايونىنىڭ 7 سىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر