تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سارىپۇل ۋىلايىتىنىڭ سايياد ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 20 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1117096
تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارىپۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ ئامانى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ سايياد ناھىيە مەركىزىگە ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 20 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 23 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەبىھۇللاھ ئامانى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كۆپ ساندا تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر