ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلدى
ئافغانىستاندا 2019 – يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنت سايلىمى 3 ئاي كېچىكتۈرۈلدى.
1116403
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلبادى سەيياد، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2019 – يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ، بىخەتەرلىك قاتارلىق بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن 20 – ئىيۇل كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرى ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 2019 – يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.