ئەنگلىيە قارادېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتتى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى گاۋىن ۋىللىئامسون ئەنگلىيەنىڭ قارادېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1111667
ئەنگلىيە قارادېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىللىئامسون ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپان پولتوراك بىلەن قارادېڭىز ساھىلىدىكى ئودېسسادا بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا ئائىت بىر ئۇرۇش پاراخوتىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئۇچرىشىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى كۈرىشىدە يالغۇز ئەمەسلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىشتۇر. دەرۋەقە، قارادېڭىز رۇسىيەنىڭ ئەمەس، خەلقئارالىق بىر دېڭىزدۇر.»

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپان پولتوراك، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۇدا 4 يىلدىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر ھەمراھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «زېمىنىمىزنى قوغداش يولىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ياردەم تەكلىپى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز.»

موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئائىت قىرىمنى بېسىۋېلىشى ۋە دۆلەتتىكى رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنى قوللىشى سەۋەبىدىن 2014 – يىلدىن بۇيان كىرىزىس ھالىتىدە تۇرماقتا.

نويابىر ئېيىدا  رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى قارادېڭىزدىكى «كېرىچ بوغۇزى» ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا مۇداخىلە قىلغان ۋە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت 3 پاراخوتنىڭ 24 ھەربىي خادىمىنى قولغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر