ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن كېيىن بۇ نۆۋەت ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1110942
ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن كېيىن ئافغانىستدىنمۇ 7000دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار بۇ قارارنىڭ دونالد ترامپنىڭ  ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇش رايونلىرىغا قاراتقان سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 7000دىن ئارتۇق ئەسكەر ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 14مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر