ئىران ئالبانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ئىرانلىق ئىككى دىپلوماتنىڭ ئالبانىيەدە خالانمىغان كىشى ئېلان قىلىنىشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچلۈك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1110674
ئىران ئالبانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنانىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ھەرىكەتنى ئىراننىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن قىلدى، دەپ قارايمىز. ئالبانىيە؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە بەزى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ سېنارىيەلىرىگە قۇربان بولدى» دېدى.

ئالبانىيەنىڭ قارار چىقىرىشىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قاسىمى، قارارنىڭ ئەڭ باشتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

قاسىمى، بۇ مەسىلە توغرىسدا ئالبانىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئالبانىيە مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلالىشى كېرەك ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىقى لازىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېدلىرا پرېندى تۈنۈگۈن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «ئالبانىيە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلغان ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقانلىقىدىن گۇمان قىلىنىۋاتقان ئىران ئەلچىخانىسىدىن ئىككى دىپلوماتنىڭ خالانمىغان كىشى، دەپ ئېلان قىلىنىشى قارار قىلىندى» دېگەنىدى.

باياناتچى پرېندى، بۇ ئىككى دىپلوماتنىڭ ئالبانىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك سالاھىيەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ «خالانمىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنىش قارارىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىش ئاساسىدا چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر