ئىران ئاۋسترالىيەنىڭ قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ئاۋسترالىيەنىڭ، قۇدۇسنىڭ غەربىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1109820
ئىران ئاۋسترالىيەنىڭ قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرام قاسىمى، ئىسلامىي ئازاد ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ «خاتا شۇنداقلا ئۇبدان ھېسابلانمىغان» بىر قارار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلار ۋە پەلەستىنگە ئالاقىدار خەلقئارانىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر قەدىمىنىڭ پەلەستىن ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان قاسىمى، بۇ قارارنىڭ رايوندا سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون ھەپتە ئاخىرىدا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمىتىنىڭ قۇدۇسنىڭ غەربىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق كېلىشىمى ئورنىتىلىپ بولغۇچە بۇ جايغا كۆچۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

موررىسون، قۇدۇسنىڭ غەربىدە بىر سودا ۋە مۇداپىئە ئىشخانىسى ئاچىدىغانلىقلىرىنى، ئەلچىخانا ئۈچۈن مۇۋاپىق جاي ئىزدەشنىڭ كويىغا كىرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى دۆلىتىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغان، بۇ قارار كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نارازىلىق پەيدا قىلغان، پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كۆپ ساندا پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلغانىدى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىدىن كېيىن گۇاتېمالا ۋە پاراگۋاي ئەلچىخانىلىرىنى قۇدۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغان، بىراق پاراگۋايدا ھۆكۈمەت ئۆزگەرگەندىن كېيىن مەزكۇر قارار قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر