پېنتاگون تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى باياناتىنى يۇمشاتتى

پېنتاگون باياناتچىسى پولكوۋنىك روب ماننىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىمىز بىلەن ئالاقىدار شارائىت ئۆزگەردى، شۇڭا بۈگۈن بەرگەن باياناتىم كۈچكە ئىگىدۇر» دېدى.

1108884
پېنتاگون تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى باياناتىنى يۇمشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدىكى، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ <ئەندىشە قىلارلىق> ۋە <قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى> توغرىسىدىكى ئىبارىلىرىنى يۇمشاتتى.

پېنتاگون باياناتچىسى پولكوۋنىك روب ماننىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، پېنتاگوننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتقا ئاساسەن ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بىراق ئەمەلىي مەيداندىكى ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىمىز بىلەن ئالاقىدار ئەھۋاللار ئۆزگەردى، شۇڭا بۈگۈن بەرگەن باياناتىم كۈچكە ئىگىدۇر» دېدى.

ماننىڭ، ئۇ سۆزلەرنى بۈگۈننىڭ شارائىتىدا ئېلان قىلىپ – قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۆزگىرىشچان بىر ئەھۋال بار، شەرتلەر ئۆزگەردى ۋە تۈركىيە بىلەن بارلىق مەسىلىلەردە كوردىناتسىيە ئىچىدىمۇز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پېنتاگون ئۆتكەن ھەپتە، «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ياكى ئۇلارغا يېقىن جايلارغا قارشى تاشلىنىدىغان بىر تەرەپلىمە بىر قەدەم ئېغىر قايغۇرۇش يارىتىدۇ ۋە بۇ خىل قەدەملەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ قارايمىز» دەپ بايانات بەرگەنىدى.

ماننىڭ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ، ئەكسىچە بولغاندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلغان ياكى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «ئېنىق بىلمەيمەن، بۇ تېمىدا سىلەرگە (كېيىن) جاۋاب بېرەي» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر