ب د ت مۇساپىرلار كېلىشىمىنى قوبۇل قىلدى

دۇنيا مۇساپىرلار كېلىشىمى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئامېرىكا ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، 181 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

1108956
ب د ت مۇساپىرلار كېلىشىمىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلارغا ساھىبىانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يۈكنى تەڭ بۆلۈشۈشنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولىدىغانلىقىنى قوللىغان، مۇساپىرلار مەسىلىسىگە دۇنياۋى ئۆلچەمدە تۇرۇپ قارىغان كېلىشىمگە قارشى چىقتى.

دۇنيا مۇساپىرلار كېلىشىمى ئىككى داۋام قىلغان مۇزاكىرەلەردىن كېيىن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى. دۇنيا مۇساپىرلار كېلىشىمى 181 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ئامېرىكا بولسا، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، كېلىشىمگە قارشى چىقتى.

ئامېرىكا كۆچ مەسىلىسىگە دۇنياۋى ئۆلچەمدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغان، ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى خەلقئارالىق كېلشىم ھېسابلىنىدىغان دۇنيا كۆچ كېلىشىمىگىمۇ قارشى چىققان ئىدى.

ب د ت دىكى بېلەت تاشلاشتا، ۋېنگىرىيەمۇ مۇساپىرلار كېلىشىمىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى.

دومىنىكا جۇمھۇرىيتى، ئېرىتىرىيە ۋە لىۋىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

دۇنيا مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ تۆت مەقسىتى بار بولۇپ، ئۇلار: كېلىشىم ئارقىلىق نۇرغۇن مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنى ئازايتىش؛ مۇساپىرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش؛ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە بېرىش ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى كېڭەيتىش؛ مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىتلارنى تەييارلاش؛ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدا 25.4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر بار ئىكەن. مۇساپىرلار نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى پەقەت 10 دۆلەتتىلا ياشايدىكەن.

تۈركىيە 3.5 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر بىلەن، ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر