Brexit كېلىشىمى قايتا مۇزاكىرەگە قويۇلمايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن چېكىنىشى ھەققىدە تۈزۈلگەن «Brexit» كېلىشىمىنىڭ قايتا مۇزاكىرەگە قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1106785
Brexit كېلىشىمى قايتا مۇزاكىرەگە قويۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان «Brexit» كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك خۇلاسە خىتابنامىسىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان 585 بەتلىك «چېكىنىش كېلىشىمى» نى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەستىقلىنىش باسقۇچىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتابنامىدە، كېلىشىمنىڭ «قايتىدىن مۇزاكىرەگە قويۇلمايدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىلدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەنگلىيە بىلەن كېلەچەكتە مۇمكىن بولغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارزۇسىنى تەكرارلايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى چېكىنىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن دەرھال تەييارلىقلارنى باشلايدۇ ۋە بۇنىڭغا تەييار ھالەتتە. ئەنگلىيە ئىتتىپاقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، مۇزاكىرەلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ.»

خىتابنامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان شىمالىي ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا، ئەنگلىيە ئىتتىپاقتىن چېكىنگەندىن كېيىن چېگرا خىزمەتلىرى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىر ماددىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق دېيىلدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەدبىر ماددىلىرىنىڭ ئىرېلاندىيە ئارىلىدا كونكرېت چېگرا خىزمەتلىرى پەيدا بولۇشىغا قارشى ۋە بىر بازار پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىرلا پارچە سۇغۇرتا تالونى قىلىپ لايىھەلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.»

خىتابنامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر ماددىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 31-دېكابىردىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان ئوخشىمىغان ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ ھەم تېز ھەم زىچ ئىشلىنىشىدە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەگەر تەدبىر ماددىسى ئىجرا قىلىنسا كونكرېت چېگرا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان كېلىشىم تۈزۈلگىچە ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئىتتىپاق تەدبىر ماددىسىنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىپ، خۇلاسىلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.»

Brexit كېلىشىمىنىڭ «تەدبىر ماددىسى» بويىچە پۈتكۈل ئەنگلىيە، ئېنىق بولمىغان بىر مەزگىل ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا ئىتتىپاقى ئىچىدە بولىدۇ. ئەنگلىيە ئۆز ئالدىغا چېكىنىشىنى چەكلەيدىغان مەزكۇر كېلىشىم، ئەنگلىيەنىڭ بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى قائىدەلىرىگە داۋاملىق بويسۇنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر