ئەردوغان ئەنقەرەدىكى پويىز ۋەقەسىگە ئالاقىدار بەزى يوليۇرۇقلارنى بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى يېقىندىن نازارەت قىلغانلىقىنى ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
![ئەردوغان ئەنقەرەدىكى پويىز ۋەقەسىگە ئالاقىدار بەزى يوليۇرۇقلارنى بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0d8a/062c/6edc/5c122b5a4b540.jpg?time=1718942253)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرە – كونيا ئارىسىدا قاتناۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىزنىڭ كونتىرول پاراۋۇزى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش مىنىستىرى جاھىت تۇرخاندىن شۇنداقلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇدىن مەلۇمات ئالدى.
ئەردوغان ئەنقەرە– كونيا ئارىسىدا قاتناۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تېىز پويىزنىڭ يېنىمەھەللە ناھىيەسىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا، يولنى كونترول قىلىۋاتقان كونتىرول پاراۋۇزى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشى ۋەقەسىگە ئالاقىدار مەسئۇللاردىنمۇ مەلۇمات ئالدى.
ئەردوغان بارلىق ئەترەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان بۈگۈن (13-دېكابىر) ئەتىگەن سائەت 06:36 دە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە قاتناش ۋە ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇش مىنىستىرى جاھىت تۇرخان بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇدىن مەلۇمات ئالغان.
ئەردوغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى يېقىندىن نازارەت قىلغانلىقىنى ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلىدى ۋە قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تەۋە بارلىق ئەترەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.