فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلدى، 11 ئادەم يارىلاندى.

1105049
فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەھەرنىڭ كلېبېر سارىيى مەيدانىغا قۇرۇلغان روژدېستۋو بازىرىغا يېقىن جايدىن قورال ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

باس-رىن ۋالىيلىق مەھكىمىسى، ۋەقەدە 4 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ كىملىكى ئېنىقلانغان ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنى تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋالىيلىق، ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسمى كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن 29 ياشلىق «فىش س» نىڭ قېچىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلارنىڭ باشقا بىر ۋەقە دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەنلىكى، تەكشۈرۈش جەريانىدا ھۇجۇمچىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقى، ئەمما ساقچىلارنىڭ بىنادىن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر