خىتاي بىر قاتار ئالما ئەقلىيفونلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلىدى

خىتاي، ئامېرىكا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى شىركىتى «ئالما» نىڭ كۆپلىگەن ئەقلىيفون مودېللىرىىنىڭ پاتېنىت ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سېتىلىشىنى چەكلىدى.

1104651
خىتاي بىر قاتار ئالما ئەقلىيفونلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇجۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ چەكلىمە قارارى ئالما ئەقلىيفونلىرىنىڭ iPhone 6S, iPhone 6S Plus, iPhone 7, iPhone 7 Plus, iPhone 8, iPhone 8 Plus ve iPhone X مودېللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دېلوغا تېما بولغان ئالما ئەقلىيفون مودېللىرىدا ئىشلىتىلگەن 2 پاتېنىتنىڭ ئامېرىكىنىڭ Qualcomm شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن Qualcomm شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دون روسېنبېرگ، «خېرىدارلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە ناھايىتى ئاز سوت مەھكىمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا ئۈزۈل- كېسىل ئىشىنىمىز. ئالما بىزگە تۆلەم تۆلىمەستىنلا پىكرىي مۈلۈكىمىزدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالما شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، « Qualcomm شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا چەكلىمە قويغۇزۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى قانۇنسىز قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقان بىر شىركەتنىڭ بىچارىلەرچە ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىمىز خىتايدىكى خېرىدارلىرىمىز ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئالما شىركىتى يەنە، دېلودا تىلغا ئېلىنغان پاتېنىت ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ  IOS 11 بىلەن ئىشلەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرى IOS 12  بىلەن ئىشلەيدىغان بولغاچقا، جازا چەكلىمىسىنىڭ سىرتىدا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر