سەئۇدى قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىقلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق شەخسلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1103559
سەئۇدى قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىقلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق شەخسلەرنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلغان 39-نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى كېڭىشى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەدە  سادىر بولغان ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخسلەر ئۈستىدە توختىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ شەخسلەرنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جىنايەتچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاندى،  سوتقا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە چوقۇم بايانات بېرىدۇ»دېگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇبەير، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى دېلوسىغا دائىر ھەر قانداق دەلىل-ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەمال قاشىقچى دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر مەسىلىنى يوشۇرمىغانلىقىنى، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن ھامان بۇنى دەرھال ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانسىغا كىرىدۇ ۋە بۇ جايدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر