مېڭ ۋېنجۇنىڭ چالا قالغان كاپالەت سوتى بۈگۈن داۋاملىشىدۇ

خۇۋاۋېي شىركىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇ بۈگۈن يەنە بىر قېتىم كاپالەت سوتىغا چىقىرىلىدۇ.

1103596
مېڭ ۋېنجۇنىڭ چالا قالغان كاپالەت سوتى بۈگۈن داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىران ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كانادا تەرىپىدىن 1 – دېكابىردا ۋانكوۋېر شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان خۇۋاۋېي شىركىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇ بۈگۈن يەنە بىر قېتىم كاپالەت سوتىغا چىقىرىلىدۇ.

خۇاۋېي تېخنولوگىيە گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ جۈمە كۈنى ۋانكوۋېردا باشلىنىپ چالا قالغان كاپالەت سوتىنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سوتچىنىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىماقتا. مېڭ ۋېنجۇ ھازىرمۇ ۋانكوۋېردا قاماقتا ياتماقتا.

نۆۋەتتىكى «بىردىن كۆپ خەلقئارالىق ئورگاننى ئالداش پىلانى تۈزۈش» دېگەن ئەيىبلەش دەلىللەنگەن تەقدىردە، مېڭ ۋېنجۇنىڭ 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مېڭ ۋېنجۇنىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر