بېيجىڭ كانادا ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، مېڭ ۋېنجۇ مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون ماككالۇمنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، خۇاۋېي خوجايىنىنىڭ قىزى ۋە مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1103145
بېيجىڭ كانادا ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، مېڭ ۋېنجۇ مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون ماككالۇمنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، خۇاۋېي خوجايىنىنىڭ قىزى ۋە مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋەئەكسىچە بولغاندا، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى يۇچىڭ كانادا باش ئەلچىسى ماككالۇمنى مىنىستىرلىققا «جىددىي» چاقىرتىپ، خىتاينىڭ مېڭ ۋېنجۇنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

كانادانىڭ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىتاي پۇقراسىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى، كانادانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «مەنتىقىسىز، ئەپۇ قىلىنمايدىغان بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى خۇاۋېينىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كانادا تەرىپىدىن 1 – دېكابىردا ۋانكوۋېر شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ۋەقە ھەپتە ئىچىدە جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرۇلغانىدى.

مېڭ ۋېنجۇنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، سودا ئۇرۇشلىرى پەيدا قىلغان سوغۇقچىلىقنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا يۈز بېرىشى دىققەتنى تارتقانىدى.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مېڭ ۋېنجۇنى نازارەت ئاستىغا ئالغان كانادانى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە خۇاۋېي ئەمەلدارىنىڭ ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرى بولسا، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى خۇاۋېينىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى يازغانىدى.

مېڭ ۋېنجۇ تۈنۈگۈن كانادادا ئچېىلغان كاپالەت سوتىدا ئامېرىكا بانكىلىرىغا قارىتا ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، كانادا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى جون گىبى-كارسلېي، مېڭ ۋېنجۇنىڭ ئامېرىكا بانكىلىرىغا خۇاۋېي بىلەن خوڭكوڭ مەركەزلىك سكايكوم شىركىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا يالغان ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر