سەدر ھەرىكىتىنىڭ بىر ھەربىي خادىمى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا شىئەر لىدېر مۇقتەدا سەدىرگە قاراشلىق خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر ھەربىي خادىمى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.

1102295
سەدر ھەرىكىتىنىڭ بىر ھەربىي خادىمى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، باغدادنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەششۇلە رايونىدا كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان شىئە لىدېر مۇقتەدا سەدىرگە قاراشلىق خەلق قوراللىق كۈچى – سەرايا ئەسسالام (تىنچلىق بىرېگاداسى) ئەزاسى ھۇسەين ئەلھىجامى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان سەدر ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ھىجامىنىڭ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، جەسەتنىڭ باغدادتىكى قانۇن دوختۇرخانىسىنىڭ جەسەت ساقلاش ئۆيىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان سەدر ھەرىكتىىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، رەسمىي دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇم ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھىجامىنىڭ يەنە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #سەدر , #شىئە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر