ب د ت: شىۋېتسىيەدە باشلانغان كېڭەش يىغىنىدىن خۇرسەنمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ شىۋېتسىيەدە باشلانغان «يەمەن» تېمىلىق كېڭەش يىغىنىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1102149
ب د ت: شىۋېتسىيەدە باشلانغان كېڭەش يىغىنىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى بايانات ئىشلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس شىۋېتسىيەدە باشلانغان <يەمەن> تېىمىلىق كېڭەش يىغىنىدىن ئىنتايىن خۇرسەن.»

تەرەپلەر سەمىمىيەت ۋە ياخشى نىيەت بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىففىشنىڭ پىلانى بويىچە كېڭەش يىغىنىدا ئۈمۈنلۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى چاقىرىق قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس يەمەندە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى <ھۇدۇيدەدىكى> سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرماقتا.»

باياناتتا، دىيالوگ ئارقىلىق كىرىزىسكە سىياسىي چارە تېپىشنىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ۋە ئىنسانىي كىرىزىسكە مۇداخىلە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەمەندە تەرەپلەر ئارا دىيالوگ مۇزاكىرىلىرى 2015 – يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ بىئېل ۋە جەنۋە شەھەرلىرىدە، 2016 – يىلى كۇۋەيتتە چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك يىغىندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى توختاپ قالغانىدى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن 6 – سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان «يەمەن» تېىلىق كېڭەش يىغىنلىرى، ھۇسىيلار قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەنىدى.

يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى كېڭەش يىغىنلىرى، بۈگۈن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدىن 77 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان رىمبو  رايونىدىكى جوھانېسبېرگ سارىيىدا باشلانغانىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان  سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت  ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنى كونتىرول قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر