ماتتىسنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى تەھدىت

ئامېرىكىغا نىسبەتەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن شىمالىي كورېيە، كۈچ تەڭپۇقلۇقى نۇقتىسىدىن رۇسىيە، ئىرادە نۇقتىسىدىن خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.

1100086
ماتتىسنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى تەھدىت

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس يادرو قورال پىروگراممىسىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ماتتىس كالىفورنىيەدە چاقىرىلغان رېگان دۆلەت مۇداپىئە مۇنبىرى يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا شىمالىي كورېيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراندىن زادى قايسىسىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ جىددىي تەھدىت ئىكەنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «جىددىي بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن شىمالىي كورېيە» دېدى.

ماتتىس كۈچ تەڭپۇقلۇقى نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ رۇسىيە، ئىرادە نۇقتىسىدىن خىتاي ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن 12ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ۋە يىغىندىن كېيىن ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قۇراللاردىن پاكلىنىشى مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشقا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر توختاپ قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلى ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى ئاي ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئاندىن يانۋار ياكى فېۋرال ئېيىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر