فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى...

فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھالىرىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىقتى.

1099197
فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 630 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت پارىژ بولۇپ پۈتكۈل فىرانسىيە مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا 136 مىڭ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 81ى ساقچى بولۇپ جەمئىي 263 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 378ى پارىژدا بولۇپ جەمئىي 630 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەدلىيە مىنىستىرى نىكولې بېلوبېت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتە ئىككىسىنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شەنبە كۈنىدىكى نامايىشلار ۋە 17-نويابىردىكى نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 2 ئادەم ئۆلۈپ، 1043 ئادەم يارىلاندى، 1424 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

فىرانسىيە مىقىياسىدا «سېرىق جىلەتكىلىكلەر»نامى ئاستىدا تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، 17-نويابىردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ يېقلىغۇلارغا قوشۇمچە باج قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

نامايىشلار  ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتتى.

شەھەر مەكەزلىرىدە ئۆي ئىجراسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلى چەت رايونلارغا ماكانلاشقان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ماكروندىن يېقىلغۇ باھالىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

نامايىشچىلار ئالدىنقى كۈنى ئەتىگەندە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان كەمپس ئېلىېسېس كوچىسى ئەتراپىغا يىغىلدى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى بىلەن بېسىملىق سۇلارنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

نامايىشچىلار پارىژ كوچىلىرىدا نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى، ساقچىلارغا بوتۇلكا ۋە تاشلارنى ئاتتى.

پارىژ كوچىلىرىدا پات-پات ئاۋاز بومبىلىرى ئاڭلىنىپ تۇردى.

ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا كەمپس ئېلېيسېس كوچىسىنىڭ ئەتراپىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بەردى.

نامايشىچىلار  «ماكرون ئىستېپا بەرگىن»دەپ توختىماي شوئار توۋلاشتى.

نامايىشلار سەۋەبلىك تۈنۈگۈن كەمپس ئېلىېسېس كوچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن رېستوران، قەھۋەخانا ۋە ماگىزىنلار تاقىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر