ئىران رەھبىرى ئارمىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانىي ھېچ بىر دۆلەتكە ئۇرۇش ئېچىش نىيىتى يوقلۇقىنى، بىراق دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1096777
ئىران رەھبىرى ئارمىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەلى ھامانىينىڭ تېھراندىكى تۇرالغۇسىدا ئىران دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەلى ھامانىي دۆلەتلىك دېڭىز ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرىغا قىلغان سۆزىدە، «ئارمىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. 

ئەلى ھامانىي: «ئىران ھېچ كىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدە ئەمەس، بىراق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ۋە تەييارلىقلىرىڭلارنى شۇ قەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈڭلاركى، دۈشمەن بۇ كاتتا خەلققە تەھدىت سېلىشقىمۇ جاسارەت قىلالمايدىغان بولسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر