رۇسىيە 7 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قولغا ئالدى

رۇسىيە سوت مەھكىمىسى كەرچ بوغۇزىدا رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىدىكى 7 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قولغا ئېلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

1096415
رۇسىيە 7 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Ria › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىمدىكى رۇس سوت مەھكىمىسى، رۇسىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، قارادېڭىزدىكى كەرچ بوغۇزى ئەتراپىدا رۇسىيە تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىدا نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان 24 ئۇكرائىنا ئەسكىرىدىن  7 سىنى قولغا ئېلىش ۋە 2 ئايلىقتىن قاماق جازاسى بېرىش توغرۇلۇق قارار  چىقارغان بولۇپ، باشقا ئەسكەرلەرنى سوتلاش داۋاملاشماقتا ئىكەن. 25 – نويابىر كۈنى قارادېڭىزدىكى كەرچ بوغۇزى ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى رۇسىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان ۋە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت 3 پاراخوتنىڭ 24 ھەربىي خادىمىنى نازاارەت ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر