رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى
رۇسىيە، كەرچ بوغۇزىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن ئۇكرائىناغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.
1095664
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رۇسلان نىمچىنىسكونىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ 25 – نويابىردا رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكى ۋە قارا دېڭىزدىكى تىنچلىق بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇكرائىنالىق دىپلومات ئارقىلىق بۇ دۆلەتكە ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلدى.
25 – نويابىردا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن مارىئۇپول پورتىغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنانىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغانىدى.