رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ۋاپات بولدى

رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىگور كوروبوۋ ۋاپات بولدى.

1092837
رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىگور كوروبوۋنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقلىق ۋەزىپسىگە تەيىنلەنگەن ئىگور كوۋوبوۋ 62 ياشتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر