گېرمانىيەدە بىر پوپ 120 مىڭ ياۋرو ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

گېرمانىيەنىڭ ساكسونيا ئانخالت ئۆلكىسىگە جايلاشقان باللېنستادىت شەھىرىدىكى بىر چىركاۋدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پوپ چىركاۋ ساندۇقىدىن 120 مىڭ ياۋرو ئوغرىلىدى.

1090606
گېرمانىيەدە بىر پوپ 120 مىڭ ياۋرو ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگدېبورگ پوپلار باشقارمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەزىز ئېلىزابېت كاتولىك چىركاۋىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بېرنارد گاۋلىيتا ئىسىملىق پوپنىڭ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، چىركاۋ ساندۇقىدىن 120 مىڭ ياۋرو ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېرنارد گاۋلىيتا ئىنتېرنېت ئالدامچىلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئوغرىلىق جىايىتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماگدېبۇرگ پوپلار باشقارمىسى باشلىقى راھىپ گېرھارد فېگ پوپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھېچ بىر كېشى چىركاۋنىڭ پۇلىنى ئەسلىدىكى نىشاندىن تاشقىرى ئىشلارغا ئىشلىتەلمەيدۇ» دېدى.

پوپ بېرنارد گاۋلىيتا ھەققىدە ھەم ئەدلىيەدە، ھەم چىركاۋلار ئىچىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر